يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 43 ئەسكەر ئۆلدى

يەمەننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئەدەن شەھىرىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

632817
يەمەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 43 ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندىمۇ 43 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە ئەسكەر يارىلاندى.

دوختۇرخانا مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئالاھىدە قىسىملار قوماندانى مايور گېنېرال ناسىر ئەلئەمبۇرىنىڭ ئەدەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن ھۇر مەكسەر رايونىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلدى

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ كېچىكىپ كەتكەن مائاشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن سەھەردە رايونغا توپلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر