ھەلەبلىكلەر تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە ئىران قوماندانلىقىدىكى شىئە كۈچلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىن چىقىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىبقا يېتىپ بارغان ھەلەبلىكلەر تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

631932
ھەلەبلىكلەر تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبقا يەتكۈزۈپ قويۇلغان 150 ھەلەبلىكتىن ئەلى سالىم ئالدى بىلەن ئاللاھقا، ئاندىن قالسا تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئەركىن سۈرىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سالىم، كۈرەشلىرىدە كۆپلىگەن ئەللەر تەرىپىدىن يالغۇز تاشلاپ قويۇلغانلىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىيانىتىگە ئۇچرىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرەبلەر ۋە ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى بىزنى ئۆلۈمگە تەرك ئەتتى، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ بىزنى ساتتى. خۇدايىم بۇيرۇسا، يۇرتىمىغا چوقۇم قايتىمىز، ھازىرچە يۇرتىمىزدىن چىقىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز تەكرار يۇرتىمىزغا قايتىمىز. پۈتكۈل دۇنيا ھەلەبكە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتا بىرلەشتى. ئامېرىكىمۇ بىزگە قارشى مەخپىي ئۇرۇش قىلدى. ئاللاھ ۋە ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەدىن باشقا ھېچكىم بىزگە ساھىب چىقمىدى.»

ئاپتوموبىل ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە ئىدلىبقا يېتىپ بارغان مېيىپ ئەھمەد سالىھمۇ ھەلەبلىكلەرنى ئامان - ئېسەن بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ناھايتى زور رول ئويناۋاتقان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بالا – چاقىلىرىمىز ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى ۋە قەتل قىلىندى، ئۆي – ماكانلىرىمىز خارابىلىككە ئايلىنىپ قالدى. ئەرەب رەھبەرلىرىگە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ ھېچكىمنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغانلىقىنى خاتىرىلىتىشنى خالايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر