تەلئەبيادتا پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىگە قاراشلىق بولغان ۋە نۆۋەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان تەلئەبياد ناھىيەسىدە پارتلاش مەيدانغا كەلدى.

631377
تەلئەبيادتا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىگە قوشنا بولغان تەلئەبيادتا ئەتىگەن تەرەپلەردە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پارتلاش مەيدانغا كەلدى.

ئاقچاقەلئەنىڭ ھۆرىيەت مەھەللىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ۋە تەخمىنەن 1 كىلومېتىر يىراقلىقتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىس – تۈتەكلەر تۈركىيە تەرەپتىنمۇ كۆرۈلدى.

تۈركىيە ۋەقەدىن كېيىن چېگرا لىنىيەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر