ھىندى ئوكياندا يېڭى جانلىقلار تۈرى بايقالدى

ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار، ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا يېڭى جانلىقلار تۈرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

631007
ھىندى ئوكياندا يېڭى جانلىقلار تۈرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا يېڭى جانلىق تۈرلىرى بايقالدى؛ «Scientific Reports» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە يازمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى ئىسسىق سۇ بۇلاقلىرىنىڭ ئەتراپىدا 6 يېڭى جانلىق تۈرىنىڭ بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بايقالغان يېڭى جانلىقلار ئارىسىدا ئوچۇق قوڭۇر رەڭلىك بىر قىسقۇچ پاقا، دېڭىز قۇلۇلىسى، ئوكيان قۇرتى ۋە قۇم قۇرتى تۈرلىرىنىڭ بارلىقى، مەزكۇر جانلىقلارنىڭ ئوكيان چوڭقۇرلۇقلىرىدىكى ئىسسىق سۇ بۇلاقلىرى ئەتراپىدا سۇ ئاستى تۆمۈر ئادەملىرى سايىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئوكياننىڭ تېگىدىكى ئىسسىق سۇ بۇلاقلىرى تۇنجى قېتىم 1977 – يىلى بايقالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان 400 دىن ئارتۇق يېڭى جانلىق تۈرى كەشىپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر