گىتلېرنىڭ ئۆيى دۆلەت  ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان بولدى

گىتلېر تۇغۇلغان ئۆينىڭ ناتسېستلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ئۆي خوجايىنىدىن مەجبۇرى سېتىپ ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

631389
گىتلېرنىڭ ئۆيى دۆلەت  ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان بولدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە پارلامېنتى ئادولۇف گىتلېر تۇغۇلغان ئۆينى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە قالغان قارار تەكلىپىنى قوبۇل قىدى.

بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان قارار تەكلىپى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىپ قانۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قانۇنغا كۆرە، يۇقىرى ئاۋستىرىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق بىرائۇنا ئەم ئىن يېزىسىدىكى گىتلېر تۇغۇلغان ئۆي ھازىرقى خوجايىنىدىن مەجبۇر سېتىۋېلىنىدۇ. قانۇن پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋولفگاڭ سوبوتكا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆينى ئۆرۈپ تاشلاپ، ئەسلى شەكلىگە ئۇيغۇن ھالدا قايتىدىن ياساش تەكلىپىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گىتلېر تۇغۇلغان ئۆينىڭ ناتسېستلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ئۆي خوجايىنىدىن مەجبۇرى سېتىپ ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆينىڭ ھازىرقى خوجايىنى گېرلىندە پوممېر 2011 – يىلىدىن بۇيان قايتىدىن رېمۇنت قىلىشقا ۋە سىتىپ ئېلىشقا قارشى چىقىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆينىڭ ئايلىقىغا دۆلەتتىن 4500 ياۋرو ئىجارە ئالماقتا ئىدى. رادىكال ئوڭچىلار گىتلېرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان ھەر ئاپرىل ئېيىنىڭ 20 – كۈنىدە بۇ ئۆينى زىيارەت ئالاھىدە قىلىپ، ناتسېستلارنى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلىشاتتى.

ئادولۇف گىتلېر 1889 – يىلى 20 – ئاپرىلدا يۇقىرى ئاۋستىرىيە ئىشتاتىنىڭ بىرائۇنا ئەم ئىن يېزىسىدا مەزكۇر ئۆيدە تۇغۇلغان ۋە 3 ياشقا كىرگىچە مۇشۇ ئۆيدە ياشىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر