ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ۋاستىچىلىك قىلىشى بىلەن، بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان قاتتىق بومباردىمان قىلىنىۋاتقان ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتى.

629985
ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.  باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىشتىن باشقا، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدىمۇ ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ رولىنىڭ بارلىقىغا ئىشارە قىلىندى.

تۈركىيە ھەلەب ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدە، قورشاۋ ئاستىدىكى پۇقرالار بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن رايونغا پۇقرالارنى توشۇيدىغان ئاپتوبۇسلار ئەۋەتىلدى.

تەرەپلەر ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە، ئىككىنچى قەدەمدە ھەلەب شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلكىنى ئېيتتى. ئۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە يېقىن دىيالوگ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۈرىيە مەسىلىسىدە دىپلوماتلار ۋە ئارمىيە سەۋىيەسىدىكى ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ب د ت ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك «تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ھەلەبنىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدۇر، دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى: «بۇ ئامېرىكا داخىل بولمىغان، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى» دېدى. جون كىربى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىم تەرىپىدىن ۋە قانداق بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى نەتىجىسى مۇھىم.»

جون كىربى كېلىشىم تۈزۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى، پۇقراالارنىڭ ھەلەبتىن چىقىرىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق سۈرىيەدە مەسىلىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر