ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جانسىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جانسىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

628675
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جانسىن سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جانسىن، پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جانسىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار  ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرققە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ زىيارەت مىنىستىر جانسىننىڭ ئىتالىيەدە بەرگەن باياناتىدىن كېيىن يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن.

جانسىن ئىتالىيەدە بايانات بېرىپ، «رايوندا سەئۇدىيلار، ئىران، ھەممىسى ھەرىكەتتە، قورچاقلىرىنى ئوينىتىپ ۋاكالىتەن ئۇرۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر