بىر تىبەتلىك راھىپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىش ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتايدا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن تىبەتلىك راھىپلارنىڭ سانى  146 گە يەتتى.

627549
بىر تىبەتلىك راھىپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىش ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋزىيە قاناللىرىدىن «NTV» نىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە، خىتايدا تىبەتلىك بۇددىست بىر راھىپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ۋە مەركىزى ئىشخانىسى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق «تىبەتكە ئەركىنلىك» ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىملىكى نامەلۇم بىر راھىپنىڭ تىبەتلىكلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ماچۇ كەنتىدە چوڭ يولغا چىقىپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي ساقچىلىرى قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن راھىپنى ئېلىپ كەتتى. لېكىن راھىپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇلۇمات بەرمىدى. ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىمۇ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىغا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن راھىپلارنىڭ سانى 146 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن 125 راھىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. 

تىبەتتە 1959 – يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن دالاي لاما تىبەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى قۇرغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ 700 يىلدىن بېرى خىتايغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا تەۋە ئەمەس، ئەسلىدىنلا مەستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى دالايلامانىڭ تىبەت ئۈچۈن يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلىپىنى، «بۇ مەخپىي مۇستەقىللىق تەلىپى» دېگەن باھانە بىلەن رەت قىلىپ كەلمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر