ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى چۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

626829
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئېھتىياجى چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ياردەم قىلدى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيەنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىماي كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، «چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچىلەرنىڭ »ياۋروپاغا قايتىشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتە ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى «قايتىپ كەلگەن چەت ئەللىك تېرروچى جەڭچىلەرنىڭ سىياسىي مايىللىقلىرى»تېمىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىققان بولۇپ، دوكلاتتا ياۋروپالىق چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ  %15-20نىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلىكى، %30-35نىڭ ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەنلىكى، %50سىنىڭ ھېلىھەم سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى جايدا تەخمىنەن 2000-2500 ئەتراپىدا چەت ئەللىك تېررورچى جەڭچى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە تۈركىيە، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراق بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىن قايتىپ كەلگەنلەرگە زەربە بېرىش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىقنىڭ دائېش پائالىيەت قىلىۋاتقان باشقا رايونلارغا باشقىلارنىڭ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا مۇنۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەندى: «خەتەرلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىش، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ پېيىغا چۈشۈشكە ئوخشاش مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى «ئۆز ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىش ۋە قايتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ پېيىغا چۈشۈش»دېگەن ئىبارىنىڭ، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ يىل 22-مارتتا مەيدانغا كەلگەن بىريۇسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا چېتىشلىق بىراھىم ئەل-باقرائوينىڭ قىلمىشىغا بولغان جاۋابكارلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تۈركىيە تەرىپىدىن چېگىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ زوراۋان، گولاندىيەگە بارغاندا تۇتۇلمىغان بولسا، بېلگىيەگە كەلگەندىمۇ جىنايىي جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان ئىدى.

فىرانسىيەدە 26-ئىيۇل كۈنى بىر چىركاۋغا كىرىپ 86 ياشلىق بىر راھىبنى ئۆلتۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ  بۇ ئەزاسى تۈركىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ، فىرانسىيەدە ئېلېكتىرونلۇق كىشەن سېلىنغان شەرت ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنىدى.

تۈركىيەمۇ ياۋروپادىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشىكلاتى فەتۆ،د ھ ك پ-ج  قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ياۋروپادا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە  كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ تەشكىلاتقا قارشى قانۇنىي جازا يۈرگۈزۈلمەي كېلىنىۋاتقانلىقىغا، ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى مارتىن سىچۇلز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جوھاننېس ھاننىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قورال-ياراغ يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ۋىدىئوغا چىقىپ قالغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى شىرناق پارلامېنت ئەزاسى فايسال سارىيىلدىز بىلەن كۆرۈشۈشىگە ئەنقەرە نارازىلىق بىلدۈردى. ئەنقەرە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ «تېررورنى قوللاش»بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر