ئىتالىيە باش مىنىستىرى رەنزى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رەنزى ئىستېپا مەكتۇپىنى پىرېزىدېنت سېرگىئو ماتتارېللاغا سۇندى.

626060
ئىتالىيە باش مىنىستىرى رەنزى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە 4 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان رەنزى، تۈنۈگۈن كەچتە 63 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا مەكتۇپىنى پىرېزىدېنت ماتتارېللاغا سۇندى.

پىرېزىدېنت ماتتارېللا جۈمە كۈنى پارلامېنتتا گۇرۇپپىسى بار سىياسىي پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشكىللىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت ھەققىدە كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيەدە سايلام قانۇنىنى چىقىرىدىغان ۋاقىتلىق بىر ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشى پىكرى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالماقتا.

پالاتانىڭ سالاھىيەت دائىرىسىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تارايتىپ، قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىگە ئىتالىيە خەلقىنىڭ %60 ى قارشى چىققانىدى.

باش مىنىستىر ماتتېئو رەنزى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر