ئەنگلىيەدىن كېيىن ئىتالىيەمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلامدۇ؟

ئىتالىيەدە خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىشىدىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىشلار ئاۋۇپ كەتتى.

623815
ئەنگلىيەدىن كېيىن ئىتالىيەمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بۇ يىل 23-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىشى بىلەن ئېغىر زەربە يېگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ھۆكۈمەتنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەسلىكى بىلەنمۇ يەنە بىر قېتىم زەربە يېدى.

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەر %40.89نى ئىگىلىگەن بولسا، رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ سانى %59.11 بولدى.

رېفېراندۇمغا قاتناشتۇرۇلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش  كىرگۈزۈش لايىھەسى ئالىي پالاتانى كىچىكلىتىش، ئالىي پالاتا ئەزالىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشىنىڭ ئورنىغا دۆلەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىشىگە ئوخشاش مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

باش مىنىستىر ماتتىئو رېنزى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت كابېنتى تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققۇچىلار، بۇ لايىھەنىڭ ھاكىمىيەت پارتىيەسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ۋە  دېموكراتىيەگە ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقىنى ياقىلىماقتا.

باش مىنىستىر رېنزى خۇددىي ئەنگلىيەدىكىگە ئوخشاش دېيۋىد كامېرۇن قىلغاندەك رېفېراندۇمدىن رەت ئاۋازىنىڭ چىقىشى بىلەنلا ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەردى.

بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتالىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن قالسا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان ئىككىنچى دۆلەت بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.

رېفېراندۇمدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئۆكتىچىلەر، ئۇزۇندىن بېرى ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغىمۇ قارشى چىقىپ كېلىۋاتقانىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىتالىيەنىڭ ئەنگلىيەگە ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېرەكلىكىنى ياقلاپ كەلمەكتە.

يېقىنقى يىللاردا ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن مۇساپىرلار كىرىزىسى، ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسى، چەت ئەل دۈشمەنلىكى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تەسىرىگە سەلبىي جەھەتتىن ئۇچىرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى پەيدا قىلغان تالاش-تارتىشلىرىنىڭ دولقۇنمىسان تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان 6 دۆلەتتىن بىرى بولغان ئىتالىيەنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يەنە كېلىپ ياۋروپا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىگە مايىل ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik ئۈچۈن فىرانسىيەدىكى تەتقىقات شىركىتى Ifop تەرىپىدىن 2016-يىلى 22-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىتالىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىكەن.

ئىتالىيەدىن قالسا فىرانسىيە خەلقىنىڭ %47، گېرمانىيە خەلقىنىڭ %43، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ %39، پولشا خەلقىنىڭ %38 دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرۇلۇق رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر