كۇبالىقلارنىڭ رەھبىرى فىدېل كاسترونى يەرلىككە قويۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايلاندۇرۇلغان كاسترونىڭ كۈللىرى، جىنازا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان سانتىياگو شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

623266
كۇبالىقلارنىڭ رەھبىرى فىدېل كاسترونى يەرلىككە قويۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانتىياگولىقلار، فىدېل كاسترونىڭ جىنازا يۆتكەش قىسىملىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانلارغا سەلدەك ئاقتى؛ مىڭلارچە كۇبالىق بايراقلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، «كۆپ ياشىغىن فىدېل» دەپ شوئار توۋلاپ، ئەپسانىۋى رەھبىرىنى كۈتۈۋالدى.

سانتىياگو؛ فىدېل كاسترو ۋە كۇبالىق ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇنىڭدىن 60 يىلچە مۇقەددەم دىكتاتور باتىستانى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىنقىلابتىن كېيىنكىغەلىبە سەپىرى باشلانغان شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

كاسترونىڭ جەسىتى ۋاپاتىدىن كېيىن ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن دۆلەتتە ئايلاندۇرۇلۇشقا باشلىغانىدى. كاسترونىڭ كۈللىرى سانتىياگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت مۇراسىمىدىن كېيىن يەرلىككە قويۇلىدۇ. جىنازا مۇراسىمىغا چەت دۆلەتلەردىن كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل ئىشتىراك قىلىدۇ.

كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، سابىق پىرېزىدېنت فىدېل كاسترو 25 – نويابىردا پايتەخت ھاۋانادا 90  يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2008 – يىلى ۋەزىپىسىنى قېرىندىشى رائۇل كاستروغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن فىدېل كاسترو، ئاخىرقى قېتىم 13 – ئاۋغۇستتا 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقكە كۆرۈنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر