كانادالىق بىرمۇسۇلمان بالا تاياق زەربىسىدىن ئۆلگىلى تاس قالدى

كانادانىڭ خامىلتون شەھىرىدە ياشايدىغان 15 ياشلىق بىر مۇسۇلمان تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى ئىككى كىشىدىن ئېغىر تاياق يىدى.

622280
كانادالىق بىرمۇسۇلمان بالا تاياق زەربىسىدىن ئۆلگىلى تاس قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ خامىلتون شەھىرىدە مۇسۇلمان بىر بالا ئېغىر تاياق يىدى. خامىلتون ساقچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سەككىز پەرزەنتلىك ئەسلى پاكىستانلىق ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە سالتفىت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى نۇھ راببانى، 26-نويابىر كېچىدە ئىككى كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ئىككى كىشى ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، ئىڭىكىنى ۋە قوۋۇرغىلىرىنى سۇندۇرۇپ، بېشىنى يېرىۋەتكەن. ۋەقەدە، راببانىنىڭ يۇلۇن قىسمىمۇ زەخمىلەنگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، راببانى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ئالدى بىلەن، مېڭىسىدىكى قان تازىلانغان.

نۇھ راببانىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى ئۇنىڭ داۋالىنىشغا كېتىدىغان 30 مىڭ كانادا دوللىرىنى توپلاش ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىنائە توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتتە بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا 33 مىڭ كانادا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىئانە يىغىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، نۇھ راببانى مەكتىپىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر خىل مۇسابىقىلەردە بىر قانچە قېتىم ئاكادېمىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئىكەن.

خامىلتون ساقچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، نۇھ راببانىنى ئۇرغان ئىككى كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى ۋە ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

4-دېكابىر (يەكشەنبە) نۇھ راببانىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر