ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ كۆچمەنلەر، ئىچكى ئىشلار ۋە گەرەژدانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوس ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، كىزىرىسنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

619673
ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنمەكتە

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ كۆچمەنلەر، ئىچكى ئىشلار ۋە گەرەژدانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوس تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قول ئىلكىدىكى بارلىق مەنبەلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

دىمىترىس ئاۋراموپولوس گېرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پاناھلىق تېلىگۈچىلەرگە ياردەم قىلىش ئورگىنى» يىغىنىغا قاتناشتى.

ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، كىزىرىسنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاۋراموپولوس ئالدىنقى ئايدا تەخمىنەن 8000 پاناھلانغۇچىنىڭ گېرىتسىيە ۋە ئىتالىيەدىن ياۋروپانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار ۋەدىلىرىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ كېلىشمنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قول ئىلكىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى سەپەرۋەر قىلىشىمىز لازىم. بۇ بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەزىپىمىز ۋە بىز بۇنىڭغا سادىق قالىمىز» دېدى.

ياۋروپا پاناھلىق تېلىگۈچىلەرگە ياردەم قىلىش ئورگىنى دىرىكتورى جوسە كاھېيرامۇ  تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ نىشانىنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كاھېيرا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىن تولىمۇ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى ۋە مۇشۇ پېتى داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر