گېرمانىيەدە لۇفتانسا ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئىش تاشلىدى

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا يولى شىركىتى لۇفتانسانىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئەتە ۋە ئۆگۈن كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلايدۇ.

618816
گېرمانىيەدە لۇفتانسا ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا يولى (ئاۋىئاتسىيە)شىركىتى لۇفتانسانىڭ  ئۇچقۇچىلىرى  يەنە ئىش تاشلىدى.

ئۇچقۇچىلار سەيشەنبە ۋە چارشەنچە كۈنلىرى كەڭ كۆلەملىك  ئىش تاشلايدۇ.

ئەتىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە مەملىكەت مىقياسىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ئايروپىلان سەپەرلىرى، چارشەنبە كۈنىدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە بولسا قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك ئايروپىلان سەپەرلىرى ئۇچرايدۇ.

گېرمانىيە ئۇچقۇچىلار ئۇيۇشمىسى كوكپىت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، لۇفتانسا ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئوڭۇشسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

لۇفتانسا ئۆتكەن ھەپتىكى 4 كۈنلۈك ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن جەمئىي 2755 ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن، 345 مىڭ يولۇچى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.

گېرمانىيە ئۇچقۇچىلار ئۇيۇشمىسى كوكپىت، ئەزاسى بولغان 5400 ئۇچقۇچى ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇللاردىن يىللىق ئوتتۇرىچە %3.66 يەنى ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە %22 مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

لۇفتانسا شىركىتى بولسا 6 يىل ئۈچۈن يىللىق ئوتتۇرىچە %2.5 مائاش ئۆستۈرۈلۈشىنى تەكلىپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر