فىرانسىيەدە بىر جامەنىڭ تېمىغا مۇسۇلمانلار ھاقارەتلەنگەن شوئارلار يېزىپ قويۇلدى

فىرانسىيەنىڭ بوردېئاۋكىس شەھىرىنىڭ مېرىگناك رايونىدىكى بىر جامەنىڭ تېمىغا مۇسۇلمانلار ھاقارەتلەنگەن شوئارلار يېزىپ قويۇلدى.

618644
فىرانسىيەدە بىر جامەنىڭ تېمىغا مۇسۇلمانلار ھاقارەتلەنگەن شوئارلار يېزىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ بوردېئاۋكىس شەھىرىنىڭ مېرىگناك رايونىدىكى بىر جامەنىڭ تاملىرىغا مۇسۇلمانلارغا قارشى شوئارلار يېزىپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ جايدىكى بىر مۇسۇلمان جەمئىيىتى ۋەقە توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، جامەنىڭ بىخەتەرلىك كامېرالىرىدىن بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغان شەخسنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا بۇ ۋەقەنىڭ مەلۇم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: « ئىرقچى ۋە ئىسلام ئەندىشىسىنى مەقسەت قىلغان بۇ خائىنلارچە قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

بوردېئاۋكىس شەھىرىنىڭ سوتسىيالىست پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئالايېن ئانسىيانىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قىلمىشنىڭ ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ تەييارلىق سايلاملىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بۇزغۇنچلىق غەرىزىدە سادىر قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ساقچىلار بۇ قىلمىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر