بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەلەب ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى

جان ئېگىلاند «ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن رۇسىيەدىن شەرتسىز قوللاش ھەققىدە يازما ھۆججەت ئېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەسەد ھۆكۈمىتىدىنمۇ جاۋاپ كۈتىۋاتىمىز» دېدى.

617184
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەلەب ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ يارىدارلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق يۆتكەش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپىنىڭ يازما تەستىققا ئېرىشكەنلىكى، رۇسىيەنىڭ قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىچە جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارالىق سۈرىيەگە يادەم گۇرۇپپىسى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە مەخسۇس يېغىن چاقىردى. يىغىندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى  ئىشخانىسىدا سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستۇرانىڭ مەسلىھەتچىسى جان ئېگېلاند ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ نويابىر ئېيىدا پەقەت ھۇمۇسنىڭ شىمالىدىكى راستان ناھىيەسىدىكى 107 مىڭدىن ئارتۇق پۇقراغا 50 يۈك ئاپتوموبىلىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزەلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

جان ئېگىلاند ئىنسانپەرۋەلىك ياردەم بويۇملىرى قاچىلانغان يەنە يۈزلىگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى رۇخسەت بەرمىگەنلىكى ھەمدە رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە تەكشۈرۈش فونكىتلىرىدىكى ساناپ - تۈگەتكۈسىز قېيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن تېخىچە كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرلىك جەھەتتە جىددىي يارىدىمىنى كۈتۈۋاتقان ۋە پۇقرالارغىلا يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان ياردەم بويۇملىرى ئۈچۈن رۇخسەت ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېگىلاند: «ھازىر سۈرىيەدە 900 مىڭ كىشى قورشاۋغا ئېلىنغان رايونلاردا ياشاۋاتىدۇ. ئېسىمدە قىلىشىچە بۇ سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان. نېمە بۇنچە كۆپ ئىنسان قورشاۋغا ئېلىنىدۇ؟ چۈنكى ئۇرۇشنىڭ شەكلى ئۆگىرىشكە باشلىدى. يېقىنقى 3 ئايدىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ. پۇقرالارنىڭمۇ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوققى يوق. بىراق توقونۇشلار ئىنتايىن شىددەتلىك تۇس ئالماقتا» دېدى. 

جان ئېگىلاند قورشاۋغا ئېلىنغان ئەڭ چوڭ رايون ھەلەبنىڭ شىمالىي ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى قزغىلاڭچىلارنىڭ يارىدارلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق يۆتكەش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن يازما شەكىلدە تەستىقلانغانلىقىنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيەدىن شەرتسىز قوللاش ھەققىدە يازما ھۆججەت ئېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەسەد ھۆكۈمىتىدىنمۇ جاۋاپ كۈتىۋاتىمىز» دېدى.

جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى ۋە تىببىي ئەسلىھەلەر قاچىلانغان يۈزلىگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەلەبنىڭ شەرقىگە قاراپ يولغا چېقىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئاپتوموبىللار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرى تەييار ئەھۋالدا تۇرىدۇ. ئۈمىد قىلىمەنكى، بىر قانچە كۈن ئىچىدە بارلىق تەرەپلەردىن رۇخسەت ئېلىنىپ، بۇ ياردەملەر ئىشقا ئاشقاي» دېدى.

جان ئېگىلاند ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ بىر ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەگەر ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك يادەم ئاپتوموبىللىرى رۇخسەت ئالالمىسا، قانداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاپ بېرىپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك يادەم ئاپتوموبىللىرىمىز چېگرادا ساقلىتىلماقتا. بۇلاردىن باشقا يەنە ھەلەبنىڭ غەربىي قىسمىدا ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللىرىمىزمۇ بار. ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىغا ياردەملەرنى يەتكۈزەلىشىمىز ئۈچۈن قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار، رۇسىيە ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالالىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاران 72 سائەت ۋاقتىمىز قالدى. ب پىلانىمىزغا كەلسەك، مەن شەخسەن ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىۋاتىمەن. كېچە – كۈندۈز دېمەي خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بارلىق تەرەپلەرگە ئارقىمۇ ئارقىدىن چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىۋاتىمىز. پەقەت ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قورشاۋ ئاستىدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ نالە – پەريادلىرى بارغانچە يۇقىرى ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. قورشاۋ ئاستىدا قالغان سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ 5 – قىش پەسلى تولىمۇ يامان بولىدىغاندەك قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر