ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئۇكرائىنا بىلەن ۋىزا تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دائىر دەسلەپكى ماقۇللىقىنى بىلدۈردى.

613584
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بايانات بېرىپ، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بۇنىڭغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى دائىمىي ۋەكىللەر مەجلىسى، ئۇكرائىنا بىلەن ۋىزا تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشى بويىچە مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشى قوبۇل قىلىندى» دېيىلگەن باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سىلوۋاكىيەنىڭ بۇ سالاھىيەت دائىرىسىدە ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا كومىتېتى، 2015 – يىلى دېكابىردا بايانات بېرىپ، كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ ۋىزىسىز تۈزۈمگە ئۆتۈشكە ئالاقىدار بارلىق شەرتلەرنى ئورۇندىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزىلارنى ئۆزئارا بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر