ياۋروپا ئەمەلدارى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسياندىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى فرانس تىممېرمانس كەسكىن قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدە رول ئوينىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

611886
ياۋروپا ئەمەلدارى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسياندىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى فرانس تىممېرمانس فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا: «ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تۇرۇۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيانغا قوماندانلىق قىلغان كىشى ھەققىدە دەلىللەر بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ناھايىتى ئاز كۆرگەنلىكىنى ئېيتىۋاتقان تۈركلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە توغرا تەرىپى بار، ئەسلىدە ئۇلارنى قوللاشتا تېخىمۇ مەرتلىكىمىزنى كۆرسىتەلەيتتۇق.»

ئۇ ياۋروپانىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە سەل قارىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئوينىغان رولىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنىڭ بىكار ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق. ئامېرىكىدىكى تەكشۈرۈشلەردە فەتھۇللاھ گۈلەن ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدە رول ئوينىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئالامەتلەر بار» دېدى.

فرانس تىممېرمانسنىڭ باياناتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلغان بولدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر