ئامېرىكىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش دولقىنى يۇقىرى ئۆرلىدى

فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI»، يىللىق نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ئىستاتىسكېلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

611076
ئامېرىكىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش دولقىنى يۇقىرى ئۆرلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش دولقىنى ئەۋج ئالماقتا.

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» 2015 – يىلىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈز بەرگەن نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ 2014 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %67 يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىFBI    ئالدىنقى (2015 -) يىللىق نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ ئىستاتىسكېلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 

دوكلاتتا، ئامېرىكا مىقياسىدا ساقچىلارغا مەلۇم قىلىنغان نەپرەت جىنايەتلىرى قېتىم سانىنىڭ 2015 – يىلىدا 5850 قېتىمغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى. مۇسۇلمانلارغا قارىتا جەمئىي 257 قېتىملىق نەپرەت جىنايىتى ئەنگە ئېلىنغانلىقى، 2014 – يىلىدا بولسا، بۇ ساننىڭ 154 ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا ئاخباراتلىرى سايلام سەپەرۋەرلىكى مەزگىلىدە بۇ نىسبەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈشلاردا بولدى. بولۇپمۇ سايلام سەپەرۋەرلىكى مەزگىلى بويىچە، مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ناچار سۆزلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇمھۇرىيەتچى دونالد تىرۇمپنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشى بىلەن دۆلەت مىقياسىدىكى نۇغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سەلىبىي تەسىرگە ئۇچراش مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۈرۈلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر