فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن بازا ۋەيران قىلىندى

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشقا تەۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتى، بازىلار بولۇپ نۇرغۇن جاي ۋەيران قىلىندى.

609833
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن بازا ۋەيران قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنىڭ تېررورچىلاردىن تازىلىنىشى ئۈچۈن 24-ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە 4 ئەسكەر يارىلاندى.

ئەسكەرلەرنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭ تېگىشى نەتىجىسىدە يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يارىلانغان ئەسكەرلەر كىلىس دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ياتقۇزۇلدى. توقونۇشلاردا 9 ئۆكتىچى ئەسكەر ئۆلدى، 52 ئۆكتىچى ئەسكەر يارىلاندى.

ئۆكتىچى ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى مارې ۋە رايدىكى 7 مەھەللىنى قايتۇرۇپ ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆكتىچىلەر ھازىرغىچە 202 تۇرالغۇ رايوننىڭ تىزگىنىنى قايتۇرۇپ ئالغان بولدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۆكتىچىلەر ئەل-باب رايونىدا توختاۋسىز ئىلگىرىلىمەكتە.

ئۆكتىچىلەر ئەل-بابقا يېقىنلاشقانسېرى توقۇنۇشلارمۇ كەسكىنلەشتى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ئەل-باب رايونىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دائېشقا تەۋە قوماندانلىق مەركىزى، قورال-ياراغ ئىسكىلات ۋە ھەربىي بازىلار بولۇپ 15 جاي ۋەيران قىلىندى.

ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە 35 دائېشچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، تال جىجەن رايونىنى قايتۇرۇپ ئالغان پ ي  د-پ ك ك تېررورچىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە 10 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر