ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 15 كىشى يارىدار بولدى.

609306
ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پارۋان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇلۋاھىد سىددىقى ھەربىي خادىملارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان ئادەم بومبىنىڭ پارتلىشى تۈپەيلىدىن 15 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئىشلىتىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 12 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر