ئافغانىستاندا گېرمانىيە باش كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ مازار شەرىف شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 6 كىشى قازا قىلدى، 70 كىشى يارىلاندى.

609050
ئافغانىستاندا گېرمانىيە باش كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يارىلانغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باش كونسۇلخانا ئىشلەيدىغان گېرمانىيە خادىم بولسا زىيانغا ئۇچرىمىدى،

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر زوراۋان يېرىم كېچىدە شەھەر مەركىزىدىكى باش كونسۇلخانىغا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان. ئارقىدىنلا يەنە ئىككى زوراۋان باش كونسۇلخانا بىناسىغا بېسىپ كىرگەن، بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر زوراۋان ئۆلگەن بولۇپ، يەنە بىرىنىڭ بىنانىڭ ئىچىدە بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ھۇجۇمدا باش كونسۇلخانا بىناسىنىڭ سىرتقى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللار ۋەيران بولغان. كۆپ ساندىكى ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ دەرىزىلىرى سۇنۇپ كەتكەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇم ئۆتكەن ھەپتە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان ۋە 14 مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم باش كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما ھۇجۇمنىڭ خاراكتېرى، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر