پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ قەلئەسى باشىكاغا ھۇجۇم قوزغىدى

ئىراق پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇل شەھىرىنىڭ باشىكا ناھىيەسىگە بۈگۈن ئەتىگەن ھۇجۇم قوزغىدى.

604939
پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ قەلئەسى باشىكاغا ھۇجۇم قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پەشمەرگە  كۈچلىرى، مۇسۇلنىڭ باشىكا ناھىيەسىنىڭ مەركىزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.  

پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇلنىڭ شەھەر مەركىزىگە 20 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى باشىكا ناھىيەسىگە كىرىش ئۈچۈن بۈگۈن ئەتىگەن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھاكىمىيىتى باشلىقى مەسۇت بارزانى قوماندانلىق قىلغان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ئۈچ تەرەپتىن دائېشقا ھۇجۇم قوزغىدى. باشىكانىڭ مەركىزىدىكى تۇنېللار  بىلەن  ئۆيلەرگە ئەڭ ئاز 100دائېشچىنىڭ يوشۇرۇنىۋالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بارازانى بۇنىڭدىن  ئىلگىرىمۇ سەردىكى تېغىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باشىكانىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئاساسەن قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پەشمەرگە كۈچلىرى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىرىستىيان ۋە ئەزىدىلەر تەشكىل قىلىدىغان باشىكانى 23-ئۆكتەبىردە قورشاۋ ئاستىغا ئالغانىدى.

مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىكا بازىسىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى، 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر