گىرېتسىيەگە قاچقان 8 گۈلەنچىنىڭ نازارەتتە تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

ھەربىي -سىياسي ئىسياندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان 8نەپەر فەتھۇللاھچىنىڭ نازارەتتە تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.

603677
گىرېتسىيەگە قاچقان 8  گۈلەنچىنىڭ نازارەتتە تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىغا قاتناشقاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان 8 ئىسيانچىنىڭ نازارەتتە تۇرۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى.

ئافېنا-ماكېدونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 6 ئىسيانچىنىڭ تۈنۈگۈن تەپتىش خادىمىنىڭ سوراقلىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ  ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن سوت خىزمىتىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، تەپتىش مەھكىمىسى ئىسيانچىلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتىغىچە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەدىن مەلۇمات تەلەپ قىلغان.

فەتھۇللاھچىلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىسيانىدىن كېيىن سىكورسكىي تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارلار بىلەن گىرېتسىەينىڭ دەدەئاغاچ ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 8 ئىسيانچىدىن 7سىنىڭ تەلەپلىرى رەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر