ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سوتقا چۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا بىر ھەپتە ۋاقىت قالغاندا دېموكراتىيە پارتىيەسى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

601829
ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سوتقا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتىيە پارتىيەسى، سايلاملارنىڭ فىلورىدادىن باشقا ھالقىلىق ئىشتاتلار، دەپ قارىلىۋاتقان ئوخايو، ئارىزونا، نېۋادا ۋە پېسىلۋانىيەدە دونالد ترامپنى قوللىغۇچى جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ بېلەت تاشلىغۇچىلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققاندىن كېيىن سوتقا ئەرز سۇندى. دېموكراتىيە پارتىيە ئەرزنامىسىدە، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ روگېر ئىستون ئۇسۇلىدىكى بېلەت ئوغرىلىشىغا قارشى تەشكىللەنگەن «ئوغرىلاشنى توسۇپ قال» ناملىق گۇرۇپپىنى ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلارغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە سايلامنى كۆزىتىش خادىملىرىنىڭ، ئارىزونادىكى بېلەت تاشلاش ئورۇنلىرىدا سايلىغۇچىلارنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى تارتقانلىقى ۋە ئۇلارغا دەخلى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دېموكراتىيە پارتىيەسى، نېۋادا ئىشتاتىدا سۇنغان ئەرزنامىسىدە، ترامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ لاس ۋېگاستا جۇمھۇرىيەتچى نامزاتقا بېلەت تاشلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگۈچىلەرگە ۋارقىرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر