سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە 4 – نويابىردا 10 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىدغان بولدى
رۇسىيە ئارمىيە باش ئىشتابى، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھەلەبتە 4 نويابىردا ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
![سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە 4 – نويابىردا 10 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىلىدغان بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/303c/6e4d/0775/580493a595b60.jpg?time=1718908378)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە 4 – نويابىردا 10 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈردى.
رۇسىيە ئارمىيە باش ئىشتابى، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھەلەبتە پۇقرالارنىڭ شەھەرنى تاشلاپ چېقىپ كېتەلىشى ئۈچۈن 4 نويابىردا شۇ يەرنىڭ يەرلىك ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن 19:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرى گېراسىموۋ: «مەنىسىز ئۆلۈملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋىلادىمىر پۇتىندىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانى ھەلەبتە 4 نويابىردا شۇ يەرنىڭ يەرلىك ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن 19:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئالدى. بۇ قارار سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ تەستىقلاندى» دېدى.