كىلىنتونمۇ، تىرامپۇ؟... ئەلرايى نەتىجىلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزگەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئازلا قالغاندا ئەلرايى نەتىجىلىرىدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

602021
كىلىنتونمۇ، تىرامپۇ؟... ئەلرايى نەتىجىلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزگەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئازلا قالغاندا، ئەلرايى نەتىجىلىرى، دېموكراتىيە پارتىيە نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئارقىسىدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ABC News ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ئەلرايى نەتىجىسىدە، ترامپنىڭ %46، كىلىنتوننىڭ %45 قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى، ترامپنىڭ رەقىبى كىلىنتوندىن 1 نومۇر ئېشىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ترامپ ئۆتكەن ئايدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە كىلىنتوننىڭ 10 نومۇر ئارقىسىدا ئىدى.  لېكىن، ئۆتكەن ھەپتە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، جۇمھۇرىيەتچى نامزات ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۇنچىۋالا تۆۋەن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ستوني برۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى ھېلمۇت نورپوس، «مودېل نامزاتلار» لا بولىدىكەن، سايلامنىڭ نەتىجىلىرىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ترامپ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خۇسۇسىي ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق دۆلەتكە تەۋە مەخپىي خەت – ئالاقىلەرنى قىلغانلىقىغا دائىر تەكشۈرۈشلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە پارتىيە نامزاتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر