ئامېرىكىدا پارتلاش يۈز بەردى

ۋەقەدە يارىدار بولغانلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

600940
ئامېرىكىدا پارتلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى.

ۋەقەدە يارىدار بولغانلارنىڭمۇ بارلىقى ۋە تەخمىنەن 5 كېلومېتىرلىق دائىرىدىكى خەلقنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەش قارارى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدىكى بىر جايدىن نېفىت ئېقىپ چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ۋە قاتناش يولىغا يېقىن بىر جايدا ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى. پارتلاش يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردىكى ئولتۇراق رايون بوشىتىلدى. 

پارتلاشتىن كېيىن ئىككى ئايرىم - ئايرىم جايدا ئورمانغا ئوت كېتىش ۋەقەسىمۇ يۈز بەردى. 12 گېگتاردىن كۆپرەك ئورمان كۆيۈپ كەتتى.

تەخمىنەن 8 مىڭ ۋارىل نېفىت ئېقىپ چىقىپ كەتتى. تۇرۇببا لىنىيەسى خادىملىرى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەقەگە مۇاداخىلە  قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر