پاكىستاندا نامايىشلار سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى

پاكىستاندا ئۆكتىچى ئىمران خان باشچىلىقىدا ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلار سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى.

600851
پاكىستاندا نامايىشلار سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ئادالەت ھەرىكىتى رەھبىرى ئىمران خان باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفكە قارشى ئەتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان يۈرۈشتىن بۇرۇن ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى.

پايتەخت ئىسلامئاباد ئەتىراپىغا يىغىلغان 3000 نامايىشچىغا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئاتتى.  

بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ۋە خىشلارنى ئېتىپ، ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇۋەتتى ۋە  باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفكە قارشى شوئارلار توۋلاشتى.

پاكىستان مىقياسىدا تەخمىنەن 500 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.  بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىمران خاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترەتلىرىنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادقا كىرىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن پايتەختكە تۇتۇشىدىغان غوللۇق يوللارنى يۈك ماشىنىلىرى بىلەن توسۇۋەتتى.

مەركىزى پانامادا بولغان قانۇن ئىشخانىسىغا تەۋە 11 مىليون بەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن، باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفنىڭ تۆت بالىسىنىڭ ئۈچىنىڭ  off-shore شىركەتلىرى ۋاسىتىسى بىلەن لوندۇندا ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

پاكىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، off-shore شىركىتى ئېچىش قانۇنسىز بولمىسىمۇ ، باش مىنىستىر نەۋاز شەرىفنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ پۇللارغا  «پارىخورلۇق ۋە خىيانەت» يولى بىلەن ئىگە بولغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  

ئادالەت ھەرىكىتى رەھبىرى ئىمران خان، باش مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەرمىگەن تەقدىردە 2-نويابىردا پايتەخت ئىسلامئابادتا ئون مىڭلارچە كىشى قاتنىشىدىغان نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

پاكىستاندا ھەممىنىڭ دىققىتى  نەۋاز شەرىف ئۈستىدىن پاكىستان ئالىي سوت مەھكىسىمىنىڭ بۈگۈن چىقىرىدىغان ھۆكۈمىگە بۇرالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر