خىتاي رادارغا چۈشمەيدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلدى

خىتاي رادارغا چۈشمەيدىغان J-20 تىپلىق 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىنى گۇڭدۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يەرمەنكىدە كۆرگەزمە قىلدى.

601545
خىتاي رادارغا چۈشمەيدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرگەزمە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رادارغا چۈشمەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرمەزگە قىلىندى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي  مېديا ئورگانلىرىدىن يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى J-20 تىپلىق 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى يەرمەنكىسىدە كۆرمەزگە قىلىنغان.  

پات يېقىندا خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بۇ ئايروپىلاننىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق  راكېتامىيوت توشۇش ئىقتىدارى بار.

خىتاي ئەڭ ئىلغار ئاۋىئاماتىكاسى بولغان AG-600 نىمۇ كۆرگەزمە قىلىپ ھەيۋە كۆرسەتتى.  

Y-20 تىپلىق يېڭى ئەۋلاد ھەربىي يۈك ئايروپىلانلىرى بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆرگەزمىگە قويۇلغان يەرمەنكىگە رۇسىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيەدىن سىرت 42 دۆلەت قاتناشتى.

خىتاينىڭ J-20  ۋە  J31تىپلىق، ئامېرىكىنىڭ F-22 ۋە F35 تىپلىق، رۇسىيەنىڭ T-50 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ رادارغا چۈشمەيدىغان ئايروپىلانلار تۈرىگە كىرىدۇ.

مۇداپىئە راسخوتىنى 20 يىلدىن بۇيان ئۇدا ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي، ئامېرىكىدىن قالسا ھەربىي راسخوتقا ئەڭ كۆپ چىقىم ئاجراتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن سىرت دېڭىز ئاستى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە راكېتامىيوت سىستېمىلىرىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر