بوسنىيە سىرپ جۇمھۇرىيىتى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى مۇكاپاتلىدى

بوسنىيە سىرپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلارغا تەقدىرنامە بېرىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

596645
بوسنىيە سىرپ جۇمھۇرىيىتى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى مۇكاپاتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە سىرپ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى بوسنىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە تەقدىرنامە بەردى.

مۇستەقىللىق جاكارلاش يولىدا قەدەملەرنى تاشلاپ بالقان رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا سەۋەب بولىۋاتقان بوسنىيە سىرپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسىنلەشتۈرۈۋەتتى.

بوسنىيە ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنى قەتلى قىلىشقا يوليۇرۇق بەرگەن سابىق باش مىنىستىر رادوۋان كارادزىچ ۋە مۇئاۋىنلىرىغا ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن «خىزمەتلىرى»سەۋەبىدىن تەقدىرنامە بەردى.

كارادزىچ سىرېبرېنىتسادىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن 40 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە تۇرمىدا ياتماقتا.

بۇ «بىمەنە تەقدىرنامە»نى  كارادزىچنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان قىزى سونيا كارادزىچ جوۋى-چەۋىچ دادىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى.

قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقىدا ئالاھىدە يىغىن چاقىرغان سىرپ پارلامېنتى بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمىدى.

سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرلاردىن  ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلەردىن بولغان بىليانا پىلاۋۋ سىچ، نىكولا كوليېۋىچ ۋە سابىق پارلامېنت باشلىقى مومچىلو كىرا جىسنىكمۇ تەقدىرنامە بېرىش قارار قىلىندى.  

20 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان سابىق پارلامېنت باشلىقى كىرا جىسنىك 2013-يىلى، 11 قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پىلاۋسىچ 2009-يىلى قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر