سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىدلىبنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەفر تەھارىم رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
596071
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش مەسئۇللىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بومباردىمان جەريانىدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇمدا يارىلانغان كۆپ ساندا كىشى رايوندىكى دالا دوختۇرخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.