رۇسىيە: بومباردىماننى توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلمايدۇ

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ، سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى 20- ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان بومباردىمان قىلىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

596045
رۇسىيە: بومباردىماننى توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن رىيابكوۋ، ھەلەبتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ قويغان مۇددەت ئىچىدە «تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى» نى ئەسكەرتكەن ھالدا، «شۇڭا، ئىنسانىي مەقسەتلىك بومباردىماننى توختىتىشنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ھازىرچە كۈنتەرتىپتە يوق» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىنسانىي مەقسەتلىك بومباردىماننى توختىتىش مۇددىتى شەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. بۇ سىياسەتنى قايتىدىن يولغا قويۇش ئۈچۈن، توقۇنۇشماسلىق مۇساپىسىدە بولۇپمۇ تېببىي پائالىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلغان ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 20 – ئۆكتەبىردە رۇسىيە بىلەن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھەلەبتە <پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىدلىبكە قاراپ شەھەردىن چىقىپ كېتىشى> ئۈچۈن <ئىنسانىي ئىنسانىي مەقسەتلىك بومباردىماننى توختىتىش> نىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ھەلەبكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر