دائېشنىڭ ئۆز سېپىدا ئۇرۇش قىلمىغان 200 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

دائېش مىلىتانلىرىنىڭ ئۆز سېپىدا ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان 200دەك ئادەمنى قەتلى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

595486
دائېشنىڭ ئۆز سېپىدا ئۇرۇش قىلمىغان 200 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىغا بىر ھەپتە بولغاندا، دائېشنىڭ ئۆز سېپىدا ئۇرۇش قىلمىغان 200كىشىنى قەتلى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نىنوۋا پارلامېنت ئەزاسى ئىنتىسار ئەل-جۇبۇرى، كېيىنكى بىر،ئىككى كۈن ئىچىدە دائېش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان 200 كىشىنىڭ دائېشچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇبۇرى دائېشنىڭ ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلغان كىشىلەرنى مۇسۇلنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە جىنازىلىرىنى ئائىلىرىگىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىدىكى CNN خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ دائېشنىڭ تۈنۈگۈن مۇسۇلدا 284 ئادەمنى قەتلى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

خەۋەردە كىرانلار بىلەن كوللىكتېپ مازالىقلارغا كۆمۈلگەن قۇربانلار ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى مەسئۇللىرىمۇ ئالدىنقى كۈنى، دائېشچىلارنىڭ مۇسۇلنىڭ يېزىلىرىدىكى ئەڭ ئاز 550 ئائىلىدىن قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىش غەرىزىدە، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ ئارىلىقتا مۇسۇلنى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى 8-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، ئىراق ئارمىيەسى قاييارا ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان 9 يېزىنى دائېشچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئالدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا، 299 دائېشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بومبا قاچىلانغان 20 ئاپتوموبىل بىلەن 45 بومبىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشكىكا ھەربىي بازىسىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرى تەلىم بەرگەن نىنواۋ مۇجاھىتلىرى 17-ئاغۇستتا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كەركۈك ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى دائېش مىلىتانى ئەبۇ ئىسلام ئەنسارى لەقەملىك مازىن نەزخان مۇھەممەد ئەل ئۇبەدى ئەر-رىياشى قولغا چۈشتى.

ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىك ئاگېنتلىقى، مۇسۇلنىڭ بەزى جايلىرىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ ھۇجۇم تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقان 8 نەپەر دائېش مىلىتانىنىڭمۇ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ مىلىتانلارنىڭ دابۇق ناھىيەسى بىلەن بەشىر يېزىسى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىن شەھەر مەركىزىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلىقى، ئارقىدىن يۈزدىن ئارتۇق زوراۋاننىڭ تۆت گۇرۇپپا ھالىتىدە ئاپتوموبىللار بىلەن شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قولغا چۈشكەن مىلىتانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر