رۇسىيەدە ئېغىر تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ رىيازان شەھىرىدىكى 10 قەۋەتلىك بىر بىنادا ئېغىر تەبىئىي گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
595300
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ رىيازان شەھىرىدىكى 10 قەۋەتلىك بىر بىنادا تەبىئىي گاز پارتلاپ 3 ئادەم ئۆلدى، بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 15 ئادەم يارىلاندى.
تەبىئىي گاز پارتلىغان بىنادىكى 14 يۈرۈش ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتتى، 7 يۈرۈش ئۆي تالاپەتكە ئۇچرىدى. 215 ئادەم تۇرىدىغان بىنا پۈتۈنلەي تارقاقلاشتۇرۇلدى.
خارابىلىكنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.