فىلىپپىن تەيفېڭ بورىنىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا
فىلىپپىننىڭ شىمالىي رايونلىرىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 8 گە يەتتى.
594442
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى جەريانىدا 2 كىشى يوقاپ كەتكەن، 18 مىڭ 277 كىشى تۈنۈگۈن كېچىنى 209 تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن.
دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە كۆپلىگەن ئۆي – ماكانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، نۇرغۇنلىرىغان رايونلاردا سۇ ۋە توك مۇلازىمىتى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ھەر يىلى 20 گە يېىقىن تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى يۈز بېرىدىغان فىلىپپىندە 2013 – يىلى يۈز بەرگەن ئاپەتتتىمۇ 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، 4 مىليون كىشى ئۆي – ماكانسىز قالغانىدى.