باغدادتا پارتلاش يۈز بەردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى ئەددۇرا رايونىدىكى ئەرەب ئەلجۇبۇر يېزىسىدا ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 ئەسكەر ئۆلدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.

594011
باغدادتا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمنىڭ جاۋابقكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ شىمالىي ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى ئۇۋىلىرىدا مۆكۈپ ياتقان ئەزالىرى شەھەر مەركىزىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇملار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، شەھەردە كوچىغا چىقىش مەنئى قىلىندى.

كەركۈكتە دائېش ئەزالىرى يېرىم كېچىدە يىنىك تىپتىكى قوراللار، قول بومبىلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۆتتى.

كەم دېگەندە 5 مەھەللىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئائىت بىنالارغا ھۇجۇم قىلغان دائېشچىلار ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر