تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە 200 گە يېقىن تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى 24 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان  «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە پ ي د / ي پ گ گە مەنسۇپ 200 گە يېقىن تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى.

593171
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە 200 گە يېقىن تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ماررات ئۇم ھەۋس رايونىدا ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان  پ ي د / ي پ گ گە مەنسۇپ تېررورىستلارنى يوقاتتى، تېررورىستلارغا ئائىت بىر بىرونېۋىكنى، بىر قارارگاھنى، پاناھجاي سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 18 نىشاننى  يەر يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دائېشقا ئائىت 42 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان تەخمىنەن 260 كىلومېتىرلىق ساھە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر