ياۋروپا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا تولۇق ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

591706
ياۋروپا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا تولۇق ئىگە چىقىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىشكە ۋەدە بەرگەن 3 مىليارد ياۋرونىڭ 467 مىليون ياۋرولۇق قىسمىنىڭ تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كىلاۋۇد جۇنكېر، 20-21 ئۆكتەبىردە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى، دۆلەت رەھبەرلىرىگە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇساپىرلار كېلىشىمىدە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان 3 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم توغرولۇق مەلۇمات خاراكتېرلىك خەت ئەۋەتتى.

جېن كىلاۋۇد جۇنكېر خەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كېلشىمىدە تۈركىيەگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى فوندىنىڭ 6 ئايدىن بۇيان بېرىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «فوند ئۈستىكى خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا، كېيىنكى مەزگىللەردە فوند خىزمەتلىرىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى. نۆۋەتتە 2 مىليارد 200 مىلىيون ياۋرولۇق فوند ئاجرىتىلدى. 1 مىليارد 200 مىليون ياۋرولۇق كونكرېت كېلىشىملەر ئىمزالاندى. فوندنىڭ 467 مىليون ياۋروسى ئىتتىپاقداشلارغا بېرىلدى. قالغان قىسمى ئالدىمىزدىكى يىللاردا بېرىلىدۇ.»

خەتتە تۈركىيەنىڭ 3 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىشتا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇساپىرلارغا بانكا كارتۇچكىلىرى تارقىتىپ بېرىش، سەھىيە ۋە دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقلىرىنى قوللاشقا ئوخشاش لايىھەلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان خەتتە، پۇلدىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خەتتە يەنە مۇنۇ بايانلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بۇ فوند تولۇق مەنىدە ئاكتىپ بولۇپ، مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىدىن بىرىنى تولۇق ئورۇندىدى.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2015-يىلى 29-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن 2017-يىلغىچە 3 مىليارد ياۋرولۇق فوند بېرىشكە ۋەدە بەرگەنىدى.

18-مارتتىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا بۇ فوند ئاخىرلاشقان تەقدىردە 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 3 مىليارد ياۋرولۇق قوشۇمچە فوند ئاجرىتىش قارار قىلىندى.

فوندلارنىڭ يەنە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سەھىيە، مائارىپ، ئۇل-ئەسلىھە، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە باشقا ئېھتىياجلارغا مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرگە ئاجرىتىش قارار قىلىندى.

تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئاجراتقان ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزمەي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر