يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

592065
يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، يەمەندە 20 – ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ 72 سائەت بويىچە توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى توغرىسىدا ئۇرۇشۇۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنىڭ كېلىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت،  يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل ۋەلەد شەيخ ئەھمەدنىڭ پۈتكۈل تەرەپلەردىن كېرەكلىك كاپالەتنى ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

يەمەن مىقياسىدا 19 – ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ 3 كۈن بويىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشمۇ داۋاملىشىدۇ.

كېلىشىمنىڭ يەمەندە تۆكۈلۈۋاتقان قاننى توختىتىدىغانلىقى ۋە يەمەنگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ كىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ب د ت ، تەرەپلەردىن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، يەمەندىكى پۈتكۈل توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەر ياردەم خىزمەتچىلىرى بىلەن نەرسە – كېرەكلەرنىڭ يەمەن مىقياسىغا توسالغۇسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر