فىرانسىيە ئايروپىلانلىرى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

فىرانسىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى دائېشنىڭ پارتلاتقۇچ دورا ئىسكىلاتىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

591702
فىرانسىيە ئايروپىلانلىرى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى دائېشنىڭ مۇسۇلدىكى پارتلاتقۇچ دورا ئىسكىلاتىنىڭ پارتلىتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ تۆت دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن، ئۈچىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتىدىن نىشانغا قاراپ ئۇچقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

25-ئۆكتەبىر پارىژدا مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ. يىغىنغا، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇپ، 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ ۋە ھەربىي ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر