قاراداغى ئىسلام دۇنياسىنى مۇسۇل مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇسۇلدىكى پۇقرالارنىڭ جان، مال – مۈلۈك ۋە ئار – نومۇسلىرىنى قوغدىشىغا ھەمدەم بولۇشقا چاقىردى.

591221
قاراداغى ئىسلام دۇنياسىنى مۇسۇل مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى ئەلقاراداغى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى فەيسبۇك ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «مۇسۇل مەسىلىسى ئېغىر. چۈنكى، ئۇ يەردە 3 مىليون دىندار، ئەخلاقلىق ئىنسان ئىستىقامەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇشەققەتلىك قىش كۈنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار قەيەرگە كېتىدۇ؟» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاراداغى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەلەبتە ۋە فەللۇجەدە مەيدانغا كەلگەن ئەھۋاللارغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ مۇسۇلدا يۈز بېرىشىدىن قورقۇۋاتقانلىقى ۋە كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇسۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نىنوۋانىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بايان قىلىنغان تارىخىي بىر جاي ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان قاراداغى، ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان جەڭچىلەرنىمۇ <دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن> ئادەم ئۆلۈش ۋە ۋەيرانچىلىقلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن شەھەرنى باشقۇرۇش ھەيئىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر