مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن باغداد قانغا بويالدى

مۇسۇلنى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىنلا باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر بولدى.

591173
مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن باغداد قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى دائېشتىن تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتى قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پايتەخت باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر بولۇپ 10 ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم يارىلاندى.

ئىگلىنىشىچە، بىر ئادەم بومبا شىئە مىلىتانلىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل يولدىن ئۆتۈش ئەسناسىدا ھەربىي كونترول ئېغىزىغا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئۆزىنى پارتلاتقان.

رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى باغدادقا 15 كلومېتىر كېلىدىغان يۇسۇفىيەدە سادىر بولغان ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئىچىدە ساقچى ۋە ئەسكەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن گۇمان قىلىنماقتا. دائېش بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا قاررادا رايونىدا بىر ئاپتوموبىل بىلەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىپ 324 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

بۇ ۋەقە 2003-يىلدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتىدىن بۇيان بىر كۈن ئىچىدە مەيدانغا كېلىپ ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ۋەقە سۈپىتىدە تارىخ سەھپىسىگە خاتىرىلەندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر