ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى دابىق يېزىسىنى ئالدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شۇنداقلا دائېش تەرىپىدىن ئارقا سەپ مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ دابىق يېزىسى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

590550
ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى دابىق يېزىسىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى سوران بازىرى بىلەن دابىق يېزىسى دائېش كۈچلىرىدىن تازىلانغان.

جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى ھاۋارنەھىر ۋە ئىستىملات يېزىلىرىنىڭمۇ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى. سۇرىيەلىك ئۆكتىچىلەر قولغا كىرگۈزۈلگەن ئاچقۇچلۇق رايونلاردا دائېش تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنا ۋە پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر