خىتايدا يانمۇيان تۆت بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى
خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىر – بىرىگە تۇتاش تۆت بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى.
587188
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىر – بىرىگە تۇتاش تۆت بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەن گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 6 ئادەمنىڭ يارىدار ھالەتتە چىقىرىۋېلىنىپ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خارابىلىك ئاستىدا ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، 1970 – يىللاردا سېلىنغان مەزكۇر بىنالارنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان قوشۇمچە قەۋەتلەر تۈپەيلىدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.