ئافغانىستاندىكى بومبا ھۇجۇمى كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
بومبىنى تالىباننىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
585522
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ قاندىھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 كىچىك بالا يارىدار بولدى.
قاندىھارنىڭ شاھۋەلىكوت ناھىيەسىگە قاراشلىق تېگراك يېزىسىدا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا ئەتراپتا كېچىك بالىلار توپ ئويناۋاتقان پەيتتە پارتلىدى.
بومبىنى تالىباننىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.