ماراكەشتە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
ماراكەشتە 2011 – يىلقى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سايلىمىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
584793
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىزىمغا ئېلىنغان 15 مىليون 702 مىڭ 592 سايلىغۇچىسى بار دۆلەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سايلامغا 30 سىياسىي پارتىيە قاتناشماقتا.
سايلىغۇچىلار پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى قانىتى ئۈچۈن 305 ى يەرلىك، 90 ى مىللىي بولۇپ، جەمئىي 395 پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ.
بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ شېرىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىستىقلال پارتىيەسى ۋە ماراكەش پادىشاھى 6 – مۇھەممەدنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن فۇئاد ئەلى ئەلھىممە قۇرغان گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رىقابەتلىشىۋاتقان سايلامنى 92 سى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 4 مىڭ كۆزەتكۈچى كۆزەتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.