ئىسرائىلىيە ئەركىنلىك پاراخوتىغا مۇداخىلە قىلدى

ئىسرائىلىيە، غەززە مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مەقسىتىدە يولغا چىققان ئەركىنلىك پاراخوتىغا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇداخىلە قىلدى.

583870
ئىسرائىلىيە ئەركىنلىك پاراخوتىغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرى، مۇسادىرە قىلىنغان <زەيتۇنە> ناملىق پاراخوتنى ئاشدود پورتىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىغا ئېلىپ كەتتى. پاراخوتنىڭ تىل ئاۋىۋنىڭ جەنۇبىدىكى مەزكۇر بازىغا ئېلىپ كېتىلىشى ئەسناسىدا ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر پاراخوتى بىلەن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ بىر كېمىسى ياندىشىپ ماڭدى. بازىغا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتچىلەرنىڭ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئەركىنلىك پاراخوتى 14 – سېنتەبىردە ئىسپانىيەدىن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈركىيە، كانادا، مېكسىكا، ئىسپانىيە، نورۋېگىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دېگەندەك 13 پەرقلىق دۆلەتتىن ئاياللار بار ئىدى.

ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يولغا چىققان ئەركىن پاراخوتى، ئالدىنقى قېتىملىق ئۇرۇنۇشلىرىدا ئۆزلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى بۇ قېتىم ئاياللارنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېڭىپ، غەززەگە كىرىشنى نىشان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە مۇھاسىرىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەر، پاراخوتلارغا ئولتۇرۇپ بۇ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن يولغا چىقىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر