خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە ئورناتقان كۈچلۈك ھەمكارلىقى ئامېرىكا بىلەن ھىندسىتاننى ئەندىشىگە سالماقتا.

583812
خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقى ئامېرىكىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش، رايونلۇق ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھاسىل قىلغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى  ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

دېپلوماتىيە (The Diplomat) گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى باي لان پىرايىس بۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئامېرىكا پاكىستان ئىچى ۋە سىرتىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى پەيدا قىلىپ رايوندا مۇقىمسىزلىق  يارىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەلۋەتتە بۇنىڭ كەينىدە پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھاسىل قىلغان كۈچلۈك ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى بار.»

بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادىي كارىدور، خىتاينىڭ «يېگانە بەلۋاغ ۋە يېگانە يول» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ،  بۇ خىتاينىڭ ئاسىيادىكى سىياسەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

خىتاي دېپلوماتىيە ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسىسى رېن يۇەنجېمۇ پاكىستاندىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك سۈپىتىدە پايدىلىنىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. يۇەنجى مۇنداق دېدى: «ئىگىلىنىشىچە، گىۋادار پورتىغا خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرى ھېچقانداق بايانات ۋە ئىزاھات بەرمەستىن كىرىدىكەن. گىۋادارنىڭ قىسمەن بولسىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي بازاسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. خىتاينىڭ بۇ پورتتىكى مەۋجۇدلۇقى ياكى تەسىر دائىرىسى جەنۇبىي ئاسىيادىلا ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ تەسىرى ۋە نوپۇزى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر